باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران بىلەن تۈركىيە: ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشمىز

2016.03.07 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئاگېنتلىقىنىڭ 5-مارت خەۋەر قىلىشىچە: ئىراننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى جاھانگىرى شۇ كۈنى،ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئۇ مۇنداق دېگەن: داۋۇت ئوغلىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ھەمكارلىقنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى ئاچىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كېڭىشىشنى ساقلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ بىر قىسىم ئىشلاردىكى قارشى نورمال، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەل باغلىدى.

  داۋۇد ئوغلى مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ رايون ئىشلىرىدىكى قارشىنىڭ بىردەك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا توقۇنۇشقا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن قاراشلىرىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، بىراق بۇ تارىخنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر