باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات چەتئەللەردە زور ئىنكاس قوزغىدى

2016.03.07 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ 5-مارت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، يېڭى ئىقتىسادنىڭ كەسپى قۇرۇلمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ھالقىلىق رولىنى نامايەن قىلدى. بۇ مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە كەڭ دائىرىدە ئىنكاس قوزغىدى، شۇنداقلا پۈتكۈل يەر شارى جامائەتچىلىكىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋول كوچىسى گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: گەرچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ قەدىمى ئاستىلىماستىن، بەلكى يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا ساھەسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەن ياسىمىچىلىق كەسپىدىن يۇقىرى يېڭى تېخنىكىغا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۇردى. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش بۇ كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىگە قىلىپ، يېڭى ئىقتىساد نامايەن قىلىنغان ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچى بىلەن ئەنئەنىۋى سانائەت كۆرۈنەرلىك سېلىشتۇرما بولدى.

  ئاۋسترالىيەلىك ئىقتىسادشۇناس گۇ شىڭياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كۆپلىگەن ساھەلىردىكى ئىسلاھاتىغا بىرلا ۋاقىتتا تۈرتكە بولۇۋاتقان پەيتتە، ئەنئەنىۋى ئېشىش نۇقتىسى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، بىراق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى دەل ۋاقتىدا شەكىللەنمىدى، بۇ ئۆز ئارا بىرلىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ يېڭى ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋەزىيىتى چەتئەللەرنىڭ مۆلچەرىدىنمۇ ياخشى بولدى، بۇ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، يېڭى ئېشىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تېزلىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر