باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونباش يېزىسى ئىلغار تىپلارنى باھالاپ تاللاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغارلاردىن بولۇش دولقۇنىنى قوزغىدى

2016.03.04 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى) ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىش ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئەخلاقىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى پۈتۈن يېزا دائىرىسىدە ھەر ئايدا باھالاش، قاتلاممۇ-قاتلام تاللاش، ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش، ئىلغار تىپلارنىڭ تىپىك ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى باھالاپ ۋە تاللاپ، ئىلغارلاردىن بولۇش دولقۇنىنى قوزغىدى.

  يېزا بويىچە ئىلغار تىپلارنى تاللاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باھالاپ تاللاپ چىقىلغان «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» 35 نەپەرگە، «ئەخلاق نەمۇنىچىسى» 11 گە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» 120 نەپەرگە، «ياخشى قېيىنئانا»، «ياخشى كېلىن»، «ياخشى ئوغۇل»، «ياخشى قىز»لار 180 نەپەرگە يېتىپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر