خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسىنىڭ ياقا بازارلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى مۇھىم بولغان ئەل رايى خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بازار، كەنت مالىيەسىدىن مەبلەغ چىقىرىش تەدبىرى ئارقىلىق 23 كەنتنىڭ ھەممىسىدە ياشانغانلار پائالىيەت سورۇنى قۇرۇپ، ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئارقىلىق ئاخىرقى ئۆمۈرىنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.
سۈرەتتە: 3- مارت ياقا بازىرىنىڭ قاراڭغۇ 1- كەنتىدىكى ياشانغانلار چېنىقماقتا
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى