باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىدىيەنى ئازاد قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

2016.03.06 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى.

  ۋاڭ جۈن، باتېر، دۈەن جىچياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چۆرىدەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاجىزلىقىنى تولۇقلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پائال سۆز قىلىپ قىزغىن مۇزاكىرىلەشتى. ليۇ يۈنشەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئارىلاپ ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ دوكلاتنى تامامەن قوللايمىز.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، يول، نەزەرىيە ، تۈزۈم ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتەك پارلاق ئەتىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر