باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى

‹‹ئالتە تەدبىر، سەككىز مۇھىم نۇقتا››نى چىڭ تۇتۇپ، 13–بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز

2016.03.06 13:38   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 5 – مارت چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى.

  ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ئاسان قولغا كەلمىدى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي يەكۈنلىنىپتۇ، ‹‹ئالتە تەدبىر، سەككىز مۇھىم نۇقتا››نى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلغان، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان دوكلات بوپتۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭى نورمال ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش››تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتىشسىزلىكلەردە كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەكىلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى پائال، ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭغا تايىنىۋالماسلىق، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش››نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشتە، ھەم ‹‹قورساق›› ھەم ‹‹كاللا›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەلرايىنى ئۈزلۈكسىز مايىل قىلىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ نامراتلارنى تۈجۇپىلەپ يۆلەش، تۈجۈپىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى، ھەم شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى پەسەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ، ئەلنىڭ رايىغا ئۇيغۇن، كىشىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. 2015 – يىلى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇندىدى. بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. 2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى تۇنجى يىل، ھەم قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە تەلەپنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئىشنى ياخشى باشلىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئەتراپلىق، ئەمەلىي، راستچىل، يېڭىچە ئۇسلۇبتا تەييارلانغان بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرگە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، ئېنىق، روشەن ۋەدە بېرىلىپتۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، بىز ‹‹ يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، رولىنى نامايان قىلىش››نى خىزمەتنىڭ ئومۇمىي يېتەكچىسى قىلىپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى جەزمەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى مەسئۇلىيەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىدىغان چىڭ ۋەزىپە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى جەزمەن چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەت، تەبىئىي مۇھىتنى قوغداشنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىدە چىڭ تۇرۇشنى ۋەزىپىمىز دەپ قاراپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدىغان، شۇنداقلا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەھرىمانلارچە ئىلگىرىلىتىدىغان دوكلات بوپتۇ. گوۋۇيۈەن بۇلتۇر يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر يىللىق ئاساسلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھەم ئومۇمىيەت ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى مۇھىم نىشان، ۋەزىپىلەر ۋە زور تەدبىرلەرنىڭ بېكىتىلىشى ئىلمىي، مۇۋاپىق، تەدبىرلەر ئېنىق، پۇختا بوپتۇ؛ بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ باش تەلىپى، ئېشىش نىشانى ئوبيېكتىپ، يولغا قويغىلى بولىدىغان، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تەقەززاسىغا ھەقىقىي ئۇيغۇن بوپتۇ.

  ۋەكىل چې جۈن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئۇسلۇبى ئاددىي، مەزمۇنى مول، نىشانى ئېنىق، تەدبىرلىرى كونكرېت، ئىلمىي، ئەمەلىي، ئاساسى ناھايىتى پۇختا بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپلىكى ئېنىق تەھلىل قىلىنىپتۇ، ھەم 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئاساسىي ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەر ھەم 2016 – يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە 2016 – يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پائال، يولغا قويۇلۇشچان، تەدبىر كونكرېت، ئىلمىي، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ، شەخسەن مەن تولۇق قوللايمەن، بىر يىللىق نىشاننى تاماملاشقا ئىشەنچىم كامىل.

  ۋەكىل نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن دوكلات ۋەزىيەتكە ئىنتايىن ئۇيغۇن، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەنگەن، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان دوكلات بوپتۇ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى نورمال ھالىتىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەر ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ۋە 2015 – يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ۋە 2016 – يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئىلمىي، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، يىراق ئارىلىقتىن توك يەتكۈزۈش، بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قوللىشى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرى ھەم قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ جەزمەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

  يىغىنغا تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرى چېن جېڭگاۋ ۋە ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەر، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتېڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…