باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا ۋاڭ جىلى: «مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا دىيابېت كېسىلى بار بىمار قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمە مۇۋاپىق ئەمەس، دېدى

2016.03.07 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز دۇنيادىكى دىيابېت بىمارلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، تەخمىنەن 114 مىليونغا يېتىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ چاۋياڭ دىيابېت كېسىلى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدە، دىيابېت كېسىلى بىمارىنى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمە مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇنى تەڭشەش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودا ياشلارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يىلدىن- يىلغا ئۆرلىمەكتە، ياشلار دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 5-10% نى ئىگىلەيدۇ، ھەمدە ھەر يىلى 10% سۈرئەتتە ئاشماقتا. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە « مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئۆلچىمى ( سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) » نىزامىدا: « دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بارلار لاياقەتسىز»، بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بارلار قوبۇل قىلىنمايدۇ، دېيىلگەن.

  ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بەلگىلىمە دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا قارىتا شەكلى ئۆزگەرگەن كەمسىتىش بولۇپ، قىسمەن ياشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش، خىزمەت ھەتتا تويلىشىش ئىشلىرىغا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە كۆرۈنەرلىك ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شۇڭا، ئۇ «مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئۆلچىمى» دىكى بىر قىسىم ماددىلارنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئۇلارنىڭ باراۋەر ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى قوغداپ، نۇرغۇن ياش دىيابېت كېسىلى بىمارى ئۈچۈن ياخشى، ئادىل رىقابەت مۇھىتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ياش دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. دىيابېت كېسىلى بار لېكىن ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك يوق، ئاددىي كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىمار بىلەن دىيابېت كېسىللىكى ھەم ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىك بار، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلارنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر