باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

«13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسلىق نىشانى ۋە تەرەققىيات ئىدىيەسى

2016.03.06 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھەسى) »دە « 13ـ بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەرەققىيات مۇھىتى ۋە شارائىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ ۋە يىتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگرى سۈرۈش، ماس راۋاجلىنىش، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان « 13ـ بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى، 4-ئومۇمىي يىغىنى، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى،« ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى، ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ھەر جەھەتتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىجادىي، ماس، يېشىل،ئوچۇق،ھەم بەھىردىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكلەيدىغان تۈزۈلمە مېخانىزىمى ۋە تەرەققىيات شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى 100يىل كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش.

  تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

  − خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش

  − ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش

  − ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش

  − دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش

  − ئىچكى ئومۇمىيەت بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش

  − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش

  يىرىك پىلان پروگرامما لايھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشان تەلىپى بويىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشانى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  −ئىقتىسادنى ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆستۈرۈش. تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئاساسىدا، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش.

  −يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۈتكۈل ئامىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش.

  −تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى روشەن كۈچەيتىش. ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمى ۋە كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش سۈپىتىنى روشەن ياخشىلاش، نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سەرخىللاشتۇرۇش. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمدا ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش.

  −خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەربىيلىنىش، مەدەنىيەت–تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش.

  −خەلقنىڭ ساپاسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش.

  −ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش. ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

  −ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش.

  يىرىك پىلان پروگرامما لايھەسىدە تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىشتائىجادىي، ماس، يېشىل،ئوچۇق،ھەم بەھىر يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇھىم ھالقىلاردا بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر خىل بۇرمىلانغان سىياسەت ۋە تۈزۈملەر- ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەڭشەپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان بازار مۇھىتى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىكرولۇق ھاياتىي كۈچنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش؛ تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، كەسىپىي سىياسەت توغرا، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت ئايدىڭ بولغان تۈۋرۈكلۈك سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭنى يوقىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئۈزۈكچىلىكنى تولۇقلاش، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر