خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6 -مارت، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدا ئېچىلغان «ئادەمسىز سىستېما يىغىنى ۋە كۆرگەزمىسى»دە ، ساياھەتچىلەر جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى گۇرۇھى شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان ھەسەن - ھۈسەن 5 - نومۇرلۇق ئادەمسىز ئايروپىلانى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقتا.
«ئادەمسىز سىستېما يىغىنى ۋە كۆرگەزمىسى» 6 -مارت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدىكى دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەت7- مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان«ئەبۇزەبى ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. كۆرگەزمىدە نۇقتىلىق كەلگۈسىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا ئېتىبار بېرىلىپ، تېخىمۇ ئىلغار ئادەمسىز سىستېمىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنى دۆلەت مۇداپىئە، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق باشقا خەلق ئىشلىتىدىغان ساھەلەرگە ئىشلىتىش مۇھاكىمە قىلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى