خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، مۇختەر توخنىياز خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار باشقۇرۇش رايونى يېڭى يەر كەنتى 3 -ئاينىڭ 6-كۈنى «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى ھەم 2015-يىللىق ئاياللار خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئاياللارنى؛ ياخشى قېيىن ئانا، ياخشى كېلىن، ياخشى قوشنا قاتارلىقلاردىن 10 ئائىلىنى مۇكاپاتلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، 62 ئايالنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى كۈتۈرۈۋەتتى.
سۈرەتتە: پائاليەتتىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى