باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە ھۆكۈمىتى مىللىي يارىشىشىقا تۈرتكە بولدى

2016.03.07 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيەدىكى توقۇنىشۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا بىر ھەپتە بولدى. بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئاندا ساندا توقۇنۇش ئىشلىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كېلىشىم سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر بىلەن يارىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى تەرەپلەر سۈرىيە تەۋەسىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلارغا داۋاملىق زەربە بەردى.

  باش ئىشتابى لوندوندا تەسىس قىلىنغان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 5-مارت مۇنداق دېدى: سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغان بىر ھەپتىدىن بۇيان، سۈرىيە تەۋەسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇش كۆرۈنەرلىك ئازايدى، كېلىشىم ئومۇمىيلاشقان رايوندا 135 كىشى قازا قىلدى، بىراق باشقا رايونلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 552 كىشىگە يەتتى.

  سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولدى. پايتەخت دەمەشىقتىكى باغچە، سودا سارايلىرى قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلار قايتىدىن ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر