باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 2-قېتىملىق شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بىخەتەرلىكى كېڭىشى ئۆتكۈزدى

2016.03.07 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ 2-قېتىملىق شەرقىي شىمالىي ئاسىيا بىخەتەرلىك كېڭىشى 4-مارت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى كۇڭ شۇەنيۇ بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مورگوروف بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئە، بىخەتەرلىك قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى كېرەك. نۆۋەتتە، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرى ۋە قىيىن نۇقتىلىرى گەۋدىلىك بولماقتا، رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇرەككەپلەشمەكتە ۋە نازۇك بولماقتا. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالاقىنى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر