باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى: ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىككىنچى قېتىملىق ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش تاشقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ

2016.03.07 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى 6-مارت، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا بىر قەدەر ئۈمىدۋار، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىككىنچى قېتىملىق ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش تاشقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

  شۈ شاۋشى يەنىمۇ، ئېلىمىز پولات-تۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بەش يىل ئىچىدە 150 مىليون توننا ئازايتىلىدىغانلىقىنى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ 5 يىل ئىچىدە 500 مىليون توننا ئازايتىلىدىغانلىقىنى، 500 مىليون توننا مىقدارنىڭ ئازايتىلىپ، قايتا تەشكىللىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە: «مەركەزمۇ مۇكاپات-تولۇقلىما ئۈچۈن زور مەبلەغ چىقىرىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتمىسى، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسىلا، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەرگىزمۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش تاشقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ»، دېدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر