- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زوڭتوڭى سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە مۇساپىرلار شەھىرى قۇرۇش تەكلىپى بەردى
2016.03.07 15:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپاغا بارىدىغان مۇساپىرلار دولقۇنى بارغانسېرى زورىيىپ، ياۋروپانىڭ «ئىشىكى» بولغان تۈركىيە ناھايىتى زور بېسىمغا __ مۇساپىرلار بېسىمى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بەرمەكتە. ياۋروپا دۆلەتلىرى تۈركىيە مۇساپىرلارنى توسۇشقا كۈچىمىدى، زور ساندىكى مۇساپىرلارنى ياۋروپاغا ئوغرىلىقچە ئۆتۈشگە يول قويدى، دەپ ئەيىپلەپ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تاھىر ئەردوغان يېقىندا، سۈرىيە چېگرا رايونىدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا قالغان مۇساپىرلارنى يىغىۋالىدىغان «مۇساپىرلار شەھىرى» تەسىس قىلىش تەكلىپى بەردى.
سۇرىيەنىڭ شىمالى تۈركىيەگە قوشنا بولۇپ، ئەردوغاننىڭ تەسەۋۋۇرىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىشىپ، تۈركىيە يېقىن سۈرىيە چېگرا رايونلىرىدا يەر كۆلىمى 4500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان «مۇساپىرلار شەھىرى» تەسىس قىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، سۇرىيە مۇساپىرلىرى بۇ يەردە قايتىدىن ماكانلىشالايدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر