- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدا چەت ئەللىكلەر ۋىزا-كېنىشكىلەرنى ئىلتىماس قىلىشتا توردا ئالدىن كېلىشىپ قويسا بولىدۇ
2016.03.07 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ساقچى تەرەپ 16 - كۈنى تونۇشتۇرۇپ: چەت ئەللىكلەرنىڭ بېيجىڭدا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ساقچى تەرەپ چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋىزا-گۇۋاھنامە، چەت ئەللىكلەر پورت ۋىزىسىنى توردا ئالدىن كېلىشىپ قويۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ، دېدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چەتئەللىك ئىلتىماس قىلغۇچىلار بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت سۇپىسى (www.bjgaj.gov.cn) دىكى «چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىش بېجىرىش زالى»غا چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر