باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمالىي شىنجاڭدا ھاۋا ئېچىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇدا «توپا ياغدى»

2016.03.07 19:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى ھەپتە ياغقان قاردىن كېيىن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كىشىلەر قايتا قىش قوينىغا قايتىقاندەك ھېسىياتتا بولدى. بۈگۈنكى كۈندە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلىدى. ئەمما جەنۇبىي شىنجاڭدا داۋاملىق توپا-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.

  مۇخبىرنىڭ 6-مارت مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھاۋا ئارقا-ئاقىدىن ئېچىلغان. ئەمما تېمپېراتۇرىدا زور ئۆزگىرىش بولمىغان. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دو شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سوغۇق ھاۋا توپلىمىنىڭ كونتروللىقدا ئىكەن. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىسىمۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ئۈچۈن بىر جەريان كېتىدىكەن.

  3-مارت سەھەردىن باشلاپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن شىمالىي شىنجاڭدا قار يېغىپ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا كۆرۈنەرلىك توپا-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. دوشىنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، 3-ۋە 4- كۈنلىرى توقسۇن، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا قاتتىق بوران چىقىپ، قوم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. 6-مارتقا قەدەر كۆپ قىسىم جايلاردىكى توپا-توزانلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىپ توپا ياغقان. قەشقەر ۋىلايىتدە كۆرۈش ئارلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بىر قىسىم ناھىيە، بازارلاردا كۆرۈش ئارلىقى بىر كىلومتېرغىمۇ يەتمىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر