باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى 5 پىرسەنت تۆۋەنلىتىلمەكچى

ھەربىي ھازىرلىقلار تۈر چىقىمىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

2016.03.07 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مۇئاۋىن مىنىستىرى تاتىيانا شېۋزونا 5-چېسلا مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، روسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى % 5 ئازايتىلىدۇ، ھەرگىزمۇ كوچا پاراڭلىرىدا دېيىلگەندەك % 10 ئەمەس. روسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاگېنتلىقى شېۋزونانىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى %5 ئازايتىش روسىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قارارى. لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار تۈرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتى جەھەتتىكى چىقىمىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

  «سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى»نىڭ سۆزىچە، روسىيەنىڭ 2016-يىلدىكى مۆلچەردىكى ھەربىي خىراجەت چىقىمى 3 تىرىللىيون 140 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 43 مىليارد 600 مىليون دوللار)غا يېتىدىغان بولۇپ، روسىيە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4گە تەڭ بولىدۇ. ئەگەر %5 ئازايتىلسا، بۇ بۇ خامچوت تەخمىنەن 160 مىليارد رۇبلى (2 مىليارد 220 مىليون دوللار) ئازىيىدۇ. 2015-يىلى روسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە خامچوتى %4كە يېقىن ئازايتىلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر