- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شېڭ گۇاڭزۇ: تېز پويىز بېلەت باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ
2016.03.07 15:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى شېڭ گۇاڭزۇ 5-مارت، نۆۋەتتە تېز پويىز توشۇش باھاسىنى زور كۆلەمدە تەڭشەيدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش يوقلۇقىنى، تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ بېلەت باھاسىغا بولغان باشقۇرۇشى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، بېلەت باھاسىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئورۇنسىز بېلەتنى يېرىم باھادا سېتىشقا بولامدۇ يوق» دېگەن مەسىلىدە ئۇ، بايرام مەزگىلىدە ئورۇنلۇق بېلەت قىس بولىدۇ، يولۇچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتالىشى ئۈچۈن، يولۇچىلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئورۇنسىز بېلەت سېتىلىدۇ. تۆمۈر يول تارماقلىرىغا نىسبەتەن، ئورۇنلۇق بېلەت بىلەن ئورۇنسىز بېلەتنىڭ مۇلازىمەت تەننەرخى ئوخشاش. كەلگۈسىدە تۆمۈر يول تەرەققىي قىلىپ، ئورۇنسىز بېلەتنىڭ تېخىمۇ ئاز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر