باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بىر قاتار كۆزلىمە نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2016.03.07 19:07         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بىر قاتار كۆزلىمە نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قانداق قىلغاندا يېڭى نورمال ھالەتتە، يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، 2016- يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى كۆزلىمە نىشاننىڭ % 6.5تىن %7 پىرسەنتكىچە بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلار پەقەت تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەندىلا، يېڭى تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولالايدۇ. شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ بىر قانچە يىلدا يېڭى كەسىپلەرنى ئېچىش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ. شىركىتىمىز نۆۋەتتە ئىشلەۋاتقان زاۋۇت، كان، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىدە شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ يەنە بىرى، مۇھىت ئاسراش، بىز فۇكاڭدا بىر تۈرلۈك كوكس مەش گازى ئايلاندۇرۇش CNG تۈرىنى يولغا قويدۇق. بۇ تاشلاندۇق، كېرەكسىز نەرسىلەرنى گۆھەرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئىقتىسادنى ئايلاندۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، ھاۋانىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتتا ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلساق، ئىلگىرىلىيەلمەي ئەكسىچە چېكىنىمىز. ھازىرقى باسقۇچتا دۈچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پەقەت تەرەققىياتقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ھازىر ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك 70 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شىنجاڭدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغاندىلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى، ئىقتىسادتىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھالقىلىق بىر يىل، يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى قاراش بولۇشى كېرەك. ئاۋۋال قاراشنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى قاراش، يېڭى تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ھەر قايسى ساھالەر ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولۇشى، يېڭى تەسەۋۋۇر يولى بىلەن دۈچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر