باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تولۇقلىما ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلدى

2016.03.17 12:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15-مارت ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا مالىيە ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 420 يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن نازىرى ليۇ جاڭجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى مالىيە تولۇقلىما ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. 2015 - يىل، مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە ( شەھەر ) دەرىجىلىك ئورۇنلار مالىيەسىنىڭ شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ياردەم ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ 390 يۈەنگە يەتتى، شەخسىي تاپشۇرغان پۇلنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىشى 120 يۈەندىن يۇقىرى بولدى. مالىيە ياردەم پۇلى ۋە شەخسىي مەبلەغ غەملەش نىسبىتى دەسلەپكى 1 :1 نىسبەتتىن نۆۋەتتىكى تەخمىنەن 3:3 نىسبەتكە يەتتى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كىشى بېشىغا 150 يۈەنگە ئۆستۈرىدۇ؛ ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغى سەۋىيەسىنى كىشى بېشىغا 570 يۈەنگە يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى چىقىمى نىسبىتىنى سىياسەت دائىرىسىدە مۇۋاپىق ئۆستۈرىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر