باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

16-مارتتىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلىنىدۇ

16-مارتتىن باشلاپ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىلىرىغا بېرىپ پەرزەنتلىرىگە ھەقسىز كۇمىلاچ يېگۈزسە بولىدۇ.

2016.03.17 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2016-يىل 3- ۋە 4-ئايدا پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا ئىككى نۆۋەت يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  بۇ قېتىم كۇمىلاچ يېگۈزۈش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ياشتىن تۆت ياشقىچە (تۇغۇلغان ۋاقتى 2012-يىل 1-يانۋاردىن 2015-يىل 31-دېكابىرغىچە) بولغان بالىلار باشقا جايدا تۇرۇشلۇق ياكى باشقا جايدا تۇغۇلغان بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىردەك يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىشى كېرەككەن.

  ئىگىلىنشىچە، بۇ قېتىمقى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتى: 1-نۆۋەت: 2016-يىل 16-مارتتىن 18-مارتقىچە بولىدىكەن. 19-مارتتىن 20-مارتقىچە ۋاقتىدا ئەملىتەلمىگەنلەرگە قارىتا تولۇقلاپ ئەملەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 2-نۆۋەتتىكى ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتى: 2016-يىل 20-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە بولىدىكەن. 23-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە ۋاقتىدا ئەملىتەلمىگەنلەرگە قارىتا تولۇقلاپ ئەملەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى يەنە بالىلار پارالىچ كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى گەندە، ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدىغان ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، ئادەم بەدىنى يۇلۇن سۇر ۋىرۇسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئادەم ئورگانىزمنىڭ ھەرىكەت نېرۋىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاساسلىق كىلىنىك ئىپادىسى قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ۋە پۇت - قوللىرى ئاغرىش بولۇپ، بىر قىسىم كېسەللەردە پۇت-قوللىرى پالەچلىنىش يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغانلار نەپەسلىنىشى پالەچلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر