باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

باي ناھىيەسىدە مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلۈپ، تەرتىپكە سېلىندى

2016.03.18 08:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى) مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر يېمەكلىك ئىستېمال قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيەلىك يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 61 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئاشخانىلىرىنى تەكشۈرۈپ، 11 تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپنى تېپىپ چىقتى ۋە تۈزەتتى. تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سېلىشتا مەكتەپلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، خام ماتېرىياللارنى كىرگۈزۈش ئۆتكىلى ۋە ئۆلچەملىك پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەكلىك تېتىتقۇ-خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش، مۇھىت تازىلىقى، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تەربىيەلىنىشى، ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر، خام ماتېرىياللارنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بويىچە نۇقتا قىلىنغان ئورۇنلاردىن بېرىلگەن ئىسپات ۋە تالون، «ئۈچتىن مۇداپىئە كۆرۈش» ئىسلىھەلىرى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر