باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىپ ياشىرىپ قالغاندەك بولدۇم»

2016.03.18 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) «چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىپ ياشىرىپ قالغاندەك بولدۇم»، دېدى داڭلىق سەنئەتكار ئاپرېل سەمەت 14 - مارت شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ياشلار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ مۇسۇلمانلار تارماق شىركىتىنىڭ 2016 - يىللىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ بۇ يىل يېڭى يىلنى دۇبەيدە كۈتۈۋالغان ۋاقتىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ.

  شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو ياشلار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ مۇسۇلمانلار تارماق شىركىتى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىن چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققان ھەرمىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىغا تاماق، ياتاق، قاتناش جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ، ياخشى ئوبراز تىكلىدى. 2014 -، 2015 - يىلى تەشكىللىگەن تۈركىيەدە ۋە دۇبەيدە ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ساياھىتى، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش، قۇربان ھېيتنى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈش، ياۋروپاغا قىلغان ئائىلە ساياھىتى قاتارلىقلار بۇ تۈرگە قاتناشقان مېھمانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ساياھەت بولۇپ قالغان.

  جۇڭگو ياشلار خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ مۇسۇلمانلار تارماق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پەرھات ئاخۇنجاننىڭ دېيىشىچە، شىركەت بۇ يىلمۇ تۈركىيە ۋە دۈبەيدە ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىككى گۇرۇپپا 138 كىشىلىك ساياھەت مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغان بولۇپ، شىركەتنىڭ 12 - ئاپرېل تۈركىيە ساياھىتى تۈرىگە قاتناشقانلار يەنە تۈركىيەدە شىركەت يېڭىدىن بازارغا سالغان داۋالىنىش ساياھىتىدىكى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشلەردىن بەھرىمان بولالايدىكەن.

  كۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر