باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمى كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ

2016.03.17 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا «سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن جىپىسلىشىشىنى تېزلىتىپ، تاۋار سۈپىتىدىكى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، تەدبىق قىلىنىدىغان تاۋار دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ، تېخىمۇ قاتتىق جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنىڭ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئېھتىياجى، شۇنداقلا بازار ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

  بۇ يىل خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، 2015 - يىلى مەملىكەت بويىچە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ 1 مىليون 290 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ئەرزىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشلىرى ئازايتماستىن ئەكسىچە كۆپەيگەن، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، كارخانىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى قىيىن. جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم سالمىقىنى زورايتىپ، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىلار ۋە ساختىلىق قىلغۇچىلارغا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈش ئاممىنىڭ كۈچلۈك ساداسى.

  «قانۇن قاتتىق يۈرگۈزۈلسە، كىشىلەر ئاز - تولا چۆچىيدۇ». جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنىڭ مەقسىتى زىيانلىق ئىش قىلغان، ئالدامچىلىق قىلغان كارخانىلارغا ئەمەلىي جازانى ھېس قىلدۇرۇش. پەقەت قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىدىن يۇقىرى بولغاندىلا، ئاندىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى ھەم كارخانىلارنى زېھنىنى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇشقا مەجبۇرلاپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر