باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-بەش يىللىق پىلان پىروگرامما لايىھەسىدە شياڭگاڭ توغرىلىق مەزمۇنلار سەرخىل بولدى

2016.03.17 12:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ زۇسەي تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 13-بەش يىللىق پىلان پىروگرامما لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش باسقۇچىدا، شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىندى، پىلان لايىھەسىنىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلىرىدا شياڭگاڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر ۋە ئىلتىماسلار تولۇق گەۋدىلەندى، كونكرېت ئىپادىلەنگەن خەت سانى كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما مەزمۇنى مول، سەرخىل بولۇپ، شياڭگاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىيات بوشلۇقى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلدى.

  خۇ زۇسەي مۇنداق دېدى: پىروگرامما لايىھەسىنىڭ شياڭگاڭ قىسمىدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي قوللاشتەك سىياسەت خاھىشى تولۇق ئەكس ئەتتى، بۇ ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، دېڭىز قاتنىشى، سودىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەركىزىي ئورنىنى مۇستەھكەملىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى قوللاش. لايىھەدە شياڭگاڭدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى خەلقئارا قانۇن ۋە ماجىرالارنى ھەل قىلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى قوللاش تۇنجى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچى، شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئورنى ۋە ئىقتىدارىنى گەۋدىلىك قوللاش. ئۈچىنچى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھە ۋە مەزمۇنلارنى كېڭەيتىشنى قوللاش. تۆتىنچى، چوڭ جۇجياڭ دېلتىسى ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇرۇشنى داۋاملىق قوللاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر