باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغاندا، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تىرىشىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2016.03.17 12:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-مارت چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك سارايدا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جۇڭگو گېزىتى مۇخبىرى: زۇڭلىسى ياخشىمۇ سىز. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىز « زۇڭلىغا سوئالىم بار» ناملىق توردا بېلەت تاشلاپ تەكشۈرۈشنى قوزغىغان ئىدۇق. ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭغا قاتنىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ مەسىلىنى تاللىغان. نۆۋەتتە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش بولۇپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇ مەسىلىگە بېلەت تاشلىغان، ئۇلار بەلكىم ھازىر بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى كۆرۈپ، سىزنىڭ جاۋاب بېرىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ. ئۇنداقتا مېنىڭ سوئالىم شۇكى، زۇڭلى سىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىر ۋاقىت جەدۋىلىڭىز بارمۇ ؟ رەھمەت .

  لى كېچياڭ: ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ توردا بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى چۈشەنگەنلىكىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھۆكۈمەتكە سوئال چىقىرىش بۇمۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. سىز بايا دېگەن ئىشنى مەنمۇ دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن. بەزى ياشانغانلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پەرزەنتلىرى بىلەن باشقا جايدا تۇرۇپ، يەنە ئۈچىنچى ئەۋلادلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، لېكىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالسا، يەنە ئەسلىدىكى خىزمەت قىلغان جايىغا بېرىپ ئاتچوت قىلدۇرىدۇ. ھۆكۈمەت مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تورلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي نىيەتكە كەلدى. بۇ يىل ئۆلكە ئىچىدىكى داۋالىنىشنى باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىدا، تىرىشىپ ئىككى يىل ئىچىدە ياشانغانلار ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى سۇغۇرتا ئورۇنلىرى دوختۇرخانا بىلەن بىۋاسىتە ھېسابلاشتى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ، ئەقىلگە مۇۋاپىق جايلار ئارا راسچوت قىلىش مەسىلىسىگە ئامما بۇنىڭدىن كېيىن بېشىنى قاتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا بىزنىڭ ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلىرىمىزمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەقسىتىمىز نېمە؟ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان ساداسى ۋە تەلىپى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا ۋە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر