باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس: پەلەستىن فىرانسىيەنىڭ خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ

2016.03.17 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن فىرانسىيەنىڭ تەشەببۇسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئابباس شۇ كۈنى زىيارەتكە بارغان فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋالېمونت بىلەن كۆرۈشكەندە: پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىككى دۆلەت لايىھەسى، ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قارارلا ئاساس قىلىنىشى يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىشىغا خاتىمە بېرىش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈلۈشى كېرەك دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن تىنچلىق يىغىنى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئۇچرىشىپ، يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشقا تىرىشماقتا. ۋالېمونت مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، بۇ يىل ئىيۇلدا خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر