خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما تېلېۋىزور، تور، گېزىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن مەمىلكەتلىك «ئىككى يىغىن» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا، يېزائىگىلىكى، دېھقانلار مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىگە ئاتلىنىپ، يۇرت- ماكانىنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزدى .
سۆرەتتە: 15- مارت، خانىقاتام ۋە ئۈچئۆستەڭ يېزىلىرىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزالىرى گېزىتتىن « ئىككى يىغىن » دا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆگەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە : خەلق تورى