باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادى ھەرىكەت مۇقىم بولدى

2016.03.17 12:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتىدە تۈنۈگۈن دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى، ماقالىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى قىسمەن كۆرسەتكۈچلەردە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: 1-ئايدىن 2-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە 31 چوڭ شەھەردە ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق %5.1 ئەتراپىدا مۇقىملىشىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىسىدىن تەخمىنەن 0.05 پوئىنت تۆۋەنلىدى، ئاساسەن مۇقىم بولدى، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئۆرلىدى، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنى چىقىرىۋەتكەندە 2-ئايدا ئىستېمال باھا ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، خەلق ئىگىلىكى داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر