باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 16-مارت يېپىلدى

2016.03.16 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 16-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى، 2015-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2015-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى يەتتە قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «خەير-ساخاۋەت قانۇنى» لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خۇاڭ رۈنچيۇنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بېكىتىش قاتارلىق قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋالىدۇ ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي خەلق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى زۇڭلىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتىۋېلىش نەق مەيدان ئەھۋالىنى بىۋاسىتە خەۋەر قىلىدۇ، مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر