باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا ئېلىمىزدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرى ئاشكارا ئەمەس، دەپ كۆرسىتىلدى

2016.03.17 12:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-مارت 34-خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتى كۈنى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتقا ئامما قاتنىشىش ۋە قوللاش مەركىزى 15-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنرەك ئىكەن، بۇ ئۆزگىرىشچان ئۇچۇرلارنى يېڭىلاشتا بەكرەك گەۋدىلىنىدىكەن. بۇ دوكلاتتا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەركەز، ئۆلكە ۋە ئۆلكە مەركىزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىدىكى 59 تارماقنىڭ ئۇچۇر ئاشكارىلاش سەۋىيەسى باھالاندى، دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە شەندۇڭ، خۇبېي قاتارلىق ئالتە ئۆلكە دەرىجىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېرىشكەن نومۇر 60تىن ئاشتى، 29 ئۆلكە مەركىزى شەھىرىدىكى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى لاياقەتسىز چىقتى.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتقا ئامما قاتنىشىش ۋە قوللاش مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى پېڭ چۇن يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاشكارا ئۇچۇر بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئوبرازىغا تەسىر يېتىش ياكى ۋەھىمە پەيدا بولۇشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئۆز خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە شەرتىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى ئاممىمۇ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىگە بولغان ئىلمىي تونۇشىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، ئېلان قىلىنغىنى يامان خەۋەر بولسىمۇ، مەلۇم جاينىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى دەل ئەكسىچە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر