باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتتى

2016.03.17 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15-مارت قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى 2017-يىلى 17-مارتقىچە بىر يىل ئۇزارتتى. قاراردا مۇنداق دېيىلىدۇ: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافغانىستاننىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى، خەلقئارا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئافغانىستانلىقلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك دەپ تەكىتلەيدۇ. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ۋەزىپە دائىرىسىدە ئافغانىستاننى ئىگىلىك ھوقۇق، يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى پىرىنسىپ قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر