- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قىسمەن ئىگىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىنى دۆلەت زېمىنىغا كىرگۈزدى
2016.03.17 13:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ 15-مارت ئىسپاتلىشىچە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 2290 كىۋادرات مېتىرلىق پەلەستىننىڭ ئىگىلىۋېلىنغان زېمىننى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت زېمىنىغا كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئوڭ قانات تەشكىلاتى يەنى «ھازىرلا تىنچلىق كېرەك» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ زېمىندىكى يېڭىدىن سېلىنغان مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆينى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە سودا ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ 2014-يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە يۇتۇۋالغان ئەڭ زور بىر پارچە ئىگىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنى، بۇ قىلمىش ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر