باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.03.17 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 15-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق تېزرەك ھەل قىلىپ، مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بەش يىل بۇرۇن سۇرىيەدە كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، سۇرىيەدە كىرىزىس پارتلىدى. بان كېمون مۇنداق دېدى: سۇرىيە كىرىزىسىدا ئاز دېگەندىمۇ 250 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، يېرىمغا يېقىن سۇرىيەلىك نائىلاج يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. بان كېمون مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا دىپلوماتىك ياراشتۇرۇشتا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، پەقەت ئومۇميۈزلۈك سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ھەققانىي تەلىپىنى قاندۇرغان ھەمدە مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختاتقاندىلا ئاندىن سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر