باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز 81 ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى خىزمەتلەرنى تاماملىدى

2016.03.17 18:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە: دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ئىلمىي قوغداش ئۈچۈن، ئېلىمىز 2005-يىلى جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 81 ئاز سانلىق مىللەت تىلى (يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەكشۈرۈش نۇقتىسى، 53 خەنزۇ تىلى دىئالېكتلىرى (يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان يەرلىك شىۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەكشۈرۈش نۇقتىسى ۋە 32 تىل-مەدەنىيەت تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىكى خىزمەت پىلانلىرى ئورۇندالغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى 2015-يىلى 5-ئايدا «جۇڭگو تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى باشلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تىل بايلىقىنى تەكشۈرۈش، ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىقلار يادرو قىلىنغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. بۇ قۇرۇلۇش بىرلىككە كەلگەن خىزمەت ۋە تېخنىكا قېلىپى بويىچە تىل ۋە شىۋىلەرنى تەكشۈرۈپ، يىغىپ، رەتلەپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ، كۆلىمى زور، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشىدىغان، كۆپ ۋاسىتىلىك تىل بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

  پىلانغا ئاساسەن، بۇ قۇرۇلۇش بەش يىلدا تاماملىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك تىل مەدەنىيىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشى بولۇپ، تىل ۋە شىۋە مەدەنىيىتىنى رەتلەش، ساقلاش ۋە نامايان قىلىش بولسا تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جايلار بۇنى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى پىلانى، نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىل-يېزىق بايلىقىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تىل بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ئاساسىدا، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز رايونىنىڭ تىل مەدەنىيىتى بايلىقى ئامبىرى ياكى رەقەملىك مۇزېي بەرپا قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ تىل بايلىقى توپلىمىنى تۈزۈپ نەشر قىلىدۇرۇپ، نەتىجىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر