باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016-يىللىق پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى قۇرۇش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە (رايون) تاللاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

2016.03.17 19:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 16-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەكتەپ پۇتبولىنىڭ ئومۇملىشىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 2016 ـ يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى ئالاھىدە مەكتەپلىرى ۋە مەكتەپ پۇتبولى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە (رايون)لارنى تاللاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. «مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە رايون ئىچىدىكى 60 %تىن كۆپرەك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالاھىدە مەكتەپ ئۆلچىمىگە يېتىدىغان ناھىيە (رايون) لار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالاھىدە مەكتەپلەر يەرلىك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتۇشى، مەشىق ۋە مۇسابىقە، ئـوقـۇغـۇچى قـوبـۇل قـىـلىش، خىراجەت ۋە شارائىت مەبلىغى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەتمۇ ئالاھىدە مەكتەپلەرنى ئالاقىدار جەھەتلەردە بەلگىلىك قوللايدۇ ھەم ئالاھىدە مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىنى يىللىق تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىدۇ. جايلارنىڭ مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى ئاساسىي ئۆلچىمى بويىچە، يەرلىكنىڭ مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدە مەكتىپى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كوماندا قۇرۇلۇشى ھاسىل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاھىدە مەكتەپ ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە (رايون) تاللاپ بېكىتىش ئارقىلىق، مەكتەپ پۇتبولىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ پۇتبولى بويىچە مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى باشلامچى، ئۈلگىلىك بىر تۈركۈم تىپلارنى شەكىللەندۈرۈش؛ ھەر قايسى جايلارنىڭ ئالاھىدە مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ماسلىشىشى مۇۋاپىق بولغان ئالاھىدە مەكتەپ ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش؛ مەكتەپلەرنى تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر