باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ھەر يىلى نەچچە 100 دوكتورغا ياردەم بېرىدۇ

ھەر بىر دوكتورغا يىلىغا 600 مىڭ يۈەن خىراجەت بېرىدۇ

2016.03.18 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەملىكەتكلىك پوستدوكتورلارنى باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا «پوستدوكتورلار يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش پىلانى» نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ھەر يىلى يېقىندا (شۇ يىلى) ئوقۇش پۈتكۈزگەن نەچچە 100 مۇنەۋۋەر دوكتورنى تاللاپ، ھەر بىرىگە يىلىغا 600 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنى پوستدوكتور ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا كىرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە جەلب قىلىدۇ.

  2015-يىلى 11-ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پوستدوكتورلار تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى چۈشۈرۈپ، پوستدوكتورلار تۈزۈمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلام يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. «پىكىر» نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «پوستدوكتورلار يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش پىلانى» دا، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ساھەلىرى، ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ساھەلىرى، ئالدىنقى قاتاردىكى ۋە ئاساسىي پەن ساھەلىرى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇلۇپ، شەخسلەر يوللاش، كىرىدىغان ئورۇنلار كۆرسىتىش، مۇتەخەسىسلەر باھالاش چارىسى قوللىنىلىپ، ھەر يىلى يېقىندا (شۇ يىلى) ئوقۇش پۈتكۈزگەن نەچچە 100 دوكتورنى تاللاپ، ھەر بىرىگە يىلىغا 600 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ياكى كارخانىلارنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا مۇنبىرىگە كىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇلارنى تىرىشىپ خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر