باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى

2016.03.18 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 17 - نويابىر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نىڭ تولۇق تېكىستىنى ئېلان قىلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 16-مارت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاپ، بۇ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىرىك پىلان پىروگراممىسى جەمئىي 20 بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي نىشان ۋە تەرەققىيات ئىدىيەسى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش؛ يېزا ئىگىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ تور ئىقتىسادىي بوشلۇقىنى كېڭەيتىش؛ زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە تورىنى بەرپا قىلىش؛ يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش؛ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىش؛ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن رايونىنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش؛ ئومۇمىي خەلق مائارىپ ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ سوتىسيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاش؛ يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر