باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز چەت ئەللەردە بېلەت كىرىمى مىليون يۈەندىن ئاشقان دۆلىتىمىز كىنولىرىنى مۇكاپاتلايدۇ

2016.03.18 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-مارت، دۆلەتلىك كىنوغا مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كىنولىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك كىنو ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتى چەت ئەل بازارلىرىدىكى بېلەت كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنى مۇكاپاتلاشنى قارار قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مۇكاپات سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بۇ فىلىمنىڭ چەت ئەل كىنو بازىرىدىكى كىنو بېلىتىدىن قىلىنغان كىرىمىنىڭ %1دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. بېلەت كىرىمى كىنونى كىنوخانىدا قويۇشتىن قىلىنغان ئەمەلىي بېلەت كىرىمى، نەشر ھوقۇقىنى سېتىش كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ، تېلېۋىزىيە، توردا قويۇلغان ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرى قاتارلىق كىرىملەر كىنو بېلەت كىرىمىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات- رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنونىڭ مۇكاپاتلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان - بولمىغانلىقىنى باش بولۇپ تەكشۈرىدۇ، ئەگەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، جۇڭگو تەرەپتىن كىنو ئىشلىگەن ئورۇن ياكى جۇڭگو تەرەپتىن كىنو ئىشلىگەن ئورۇن ھوقۇق بەرگەن چەت ئەلدىكى كەسىپكە ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان جۇڭگو تەرەپ ئورنى مۇكاپاتلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كىنو ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، دۆلەتلىك كىنو ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرگەن، ئىشلەش تېخنىكىسى ۋە سەنئەتتە يېڭىلىق ياراتقان، ئادەتتىكى ئىستېرېئولۇق، چوڭ ئېكرانلىق، چوڭ ئېكرانلىق ئىستېرېئولۇق، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ئاۋازلىق، ئاپتوكىنېتىك ئېففېكتلىق، كارتونلۇق قاتارلىق يۇقىرى يېڭى تېخنىكا قوللىنىلىپ ئىشلەنگەن نادىر جۇڭگو فىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى داۋاملىق مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. باھالاش دائىرىسى كىنو باشقۇرۇش تارماقلىرى تەۋسىيە قىلغان، كىنو كۆرگەن ئادەم سانى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، دۆلەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى 20 مىليون يۈەنگە يەتكەن فىلىملەر باھالاش دائىرىسىدە بولۇپ، نومۇر رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىدىكى فىلىملەر 6 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ.

  كۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر