- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ ئۇنى-بۇنى دەيدىغان سالاھىيىتى يوق
2016.03.18 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 17-چېسلادىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئۇنى-بۇنى دەيدىغان سالاھىيىتى يوق.
بىر مۇخبىر: يېقىندا، شەرقىي تىمۇر رەھبەرلىرى ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان بىرلەشمە ئاخباراتتا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە فىلىپپىن سۇنغان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېسىم دېلوسى تىلغا ئېلىنىپ، كېسىمنىڭ تالاش-تارتىشتىكى تەرەپلەرگە قارىتا چەكلەش كۈچى بارلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟، دەپ سورىدى.
لۇ كاڭ جاۋاپ بېرىپ: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن تالاش-تارتىشى ۋە دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى تالاش-تارتىشىنى سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئەتى مەسىلىسىدە، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا 3-تەرەپكە ماجرانى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. فىلىپپىننىڭ جۇڭگو بىلەن ھاسىل قىلغان جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىنى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېلىشىمىنى كۆزگە ئىلماي، «جەنۇبىي دېڭىزدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»غا خىلاپلىق قىلىپ، «ب د ت دېڭىز - ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، «ئەھدىنامە»دىكى كېسىم تەرتىپىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسى ئەرزى سۇنغانلىقى قانۇنسىز، كۈچكە ئىگە ئەمەس. «بىز قايتا - قايتا كۆرسەتتۇقكى، بۇ قېتىمقى كېسىمنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشلىنىشتىلا، جۇڭگوغا قارىتا ھېچقانداق چەكلەش كۈچى يوق»، دېدى.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: «ياپونىيە ھەققىدە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئەسلىدىنلا ئۇنى-بۇنى دەيدىغان سالاھىيىتى يوق. ئەمما يېقىندىن بېرى ياپونىيە بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر قەدەر جانلىنىپ كەتتى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى ئاساسىي پاكىتنى كۆزگە ئىلماي، كىشىلەرنىڭ دىققەت-نەزەرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ھەدەپ جۇڭگوغا قارا سۈركىمەكتە. ياپونىيەنىڭ بۇنداق قىلىشى بىھۇدە بولۇپ، پەقەتلا جۇڭگو خەلقىگە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھازىرقى روھىي-ھالىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، يامان غەرەزلىك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر