- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى ساقلاپ قېلىنىدىغان يەتتە تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەت تەستىق ئىشىنى ئېلان قىلدى
2016.03.18 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى يېقىندا، ساقلاپ قېلىنىدىغان يەتتە تۈرلۈك باج مەمۇرىي ئىجازەت ئىشىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى، يولغا قويىدىغان ئاپپاراتلار، يولغا قويۇش تەرتىپىنى ئېلان قىلىپ، ھەر بىر تۈرلۈك باج مەمۇرىي تەستىق ئىشىنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىنىڭ مۇندەرىجىسى، ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈردى ۋە قېلىپلاشتۇردى.
بۇ يەتتە تۈرلۈك باج مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى: كارخانىلارنىڭ باسما تالونىنى تەستىقلاپ، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان باج پۇلىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كېچىكتۈرۈپ يوللىغان ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن باج سوممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى (قوشۇلما قىممەت بېجىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى) نى كېسىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى تەستىقلاش، ئەمەلىي پايدا سومممىسىنى ئالدىن تاپشۇرغاندىن سىرت، باشقا كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تاپشۇرۇش شەكلىنى قوللىنىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەۋەلىكىدە بولمىغان كارخانىلار تاللىغان ئاساسلىق ئاپپارات يىغىپ تاپشۇرغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەستىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باج باش ئىدارىسى سىياسەت، قائىدە-نىزام مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ساقلاپ قېلىنغان يەتتە تۈرلۈك باج مەمۇرىي ئىجازەت تەستىق ئىشىدىن باشقا، مەمۇرىي ئىجازەت تەستىق ئىشىغا تەۋە بولمىغان 80 تۈرنىڭ ھەممىسى تەرتىپكە سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 57 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 23 تۈر باشقا ھەقلىق ئىشلارغا تەڭشەلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر