باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە پارتىيەسى گورباچېفنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلىغان دەپ ئەيىبلىدى

2016.03.18 17:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى 15-مارت رۇسىيە دۆلەت دۇماسىغا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، دۆلەت قاتلىمىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچېف بىلەن رۇسىيەنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى يېلتسىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى سىياسىتىنى جىنايەت دەپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  گورباچېف شۇ كۈنى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتتە جىددىيلىك كەيپىياتىنى پەيدا قىلىشىدىن ئىبارەت دېدى، ھەمدە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. يېلتسىن زۇڭتۇڭ مەركىزىنىڭ 1- مۇئاۋىن مۇدىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل رادىكال بولۇپ كەلدى، بۇندىن ئىلگىرى بۇ پارتىيە يەنە رۇسىيەدە ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ گورباچېفقا بولغان تەنقىدى كۈچەيدى. %24 رۇسىيەلىك، گورباچېف ئۇلۇغ ۋەتەننى پارچىلىغان گۇناھكار دەپ قارىدى، بىراق 2010- يىلى بۇ قاراشتىكىلەر %16 ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر