باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چاۋشيەنگە قارىتىلغان يېڭى جازالاش تەدبىرىنى جاكارلىدى

2016.03.18 17:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 16-مارت چاۋشيەنگە قارىتىلغان يېڭى جازالاش تەدبىرىنى جاكارلىدى.

  ئاق ساراينىڭ بىر ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: زۇڭتۇڭ ئوباما شۇ كۈنى چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ مال مۈلكىنى توڭلىتىش چاۋشيەن بىلەن ئالاھىدە سودا قىلىشنى مەنئى قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەمۇرى بۇيرۇق ئېلان قىلدى.

  ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ 17 ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە ئورگىنى ھەمدە 20 پاراخوتىغا جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويدى.

  يېڭى جازالاش چاۋشيەننىڭ ئېنېرگىيە، كانچىلىق، پۇل مۇئامىلە ۋە قاتناش كەسپىگە قارىتىلغان بولۇپ، چاۋشيەننىڭ تاۋار، مۇلازىمەت، تېخنىكا ئېكسپورتى ھەمدە چاۋشيەنگە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىش مەنئى قىلدى.

  ئاق ساراينىڭ ئاخبارات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا چاۋشيەنگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنى بەدەل تۆلىتىدۇ ھەمدە چاۋشيەننى ئەڭ ئاخىردا خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر