خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) ھەر مىللەت ئايالىرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىپ ، تۇرمۇشىنىڭ ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 15-مارت، باي ناھىيەسىنىڭ باي بازىرى شىنيۇەن مەھەللىسىدە، 2016-يىللىق بىرىنچى پەسىللىك ئاياللارنىڭ قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مەھەللىدىكى ئاياللارنىڭ كەشتىچىلىك ۋە قول ھۈنەر بويۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئاخىرىدا نەق مەيداندا باھالاش ئارقىلىق، ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلىگەن كەشتىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى