باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ليۇ لىڭ: شۇجى ۋاڭ چىشەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، مەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈش تەكلىپى بەردىم

2016.03.15 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇجى ۋاڭ چىشەن ئىسمىنى ئاتاپ سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلغان پۇرسەتتە، مەن ۋاڭ شۇجىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى بايانلىرىنى چۆرىدەپ، « جىنايەت» بىلەن «جىنايەت ئەمەس» ئارىسىدا ھېچقانداق توساق يوق ئىكەنلىكىنى، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىلىق تەكلىپ بېرىپ، نەق مەيداندا شۇجى ۋاڭ چىشەننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىم.»

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ لىڭ خەلق تورى مۇخبىرىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالسا، يەنىلا ھاياجانلىنىدۇ.

  ليۇ لىڭ ۋاڭ چىشەنگە دوكلات قىلغاندا مۇنداق دېدى: بىرىنچى، مەن ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دېلو ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوتتا قاراپ چىقىش ئەمەلىيىتىدىن شۇنى بىلدىمكى، دېلو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي جەريانى ھەم چىرىكلىكنىڭ جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى ھەقىقىي چۈشەندىم. شۇڭا، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ چىرىك ئۇنسۇرلارغا قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ تېخىمۇ قەتئىيلىكىگە ئىشىنىمەن؛ ئىككىنچى، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسىنى ئىگىلىدىم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سەمىمىي، جىنايىتىگە توۋا قىلىدۇ. شۇڭا خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى مۇھىم، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىغا قويۇش زۆرۈر؛ ئۈچىنچى، مەن سوتقا چىقىپ جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلىغۇچى بولۇش ئارقىلىق، «جىنايەت» بىلەن «جىنايەت ئەمەس» ئارىسىدا ھېچقانداق توساق يوق ئىكەنلىكىنى، قاتناش چىرىغىغا ئوخشاش بىزگە قائىدىگە خىلاپ قىلسا بولمايدىغانلىقىغا ئەسكەرتىش بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇ بىر دىنلا كەلگەن ئوي بولۇپ، ئۇنىڭ دەردىنى ئۆمۈر بويى تارتىدۇ. شۇڭا، ئەدلىيە ئەمەلىيىتى، چوڭ قانۇن سىستېمىسى ۋە ھازىر بىز يولغا قويۇۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم جىنايەتكە مەخسۇس قانۇن ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش لازىم، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى تۈزۈش زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر