باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 16-مارت ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.03.15 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-مارت، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 16-مارت ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 2016 – يىلللىق « باھار شامىلى ھەرىكىتى» نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن. پائالىيەت ئورنى سانجى ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى تۇنخې تەنتەربىيە سارىيىدا بولىدىكەن.

  «باھار شامىلى ھەرىكىتى» نى دۆلەت ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قوزغىغان بولۇپ، شەھەرگە كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىدۇ. « باھار شامىلى ھەرىكىتى» مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئاساسەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەت قىلىپ، ئەمگەك كۈچى ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  «باھار شامىلى ھەرىكىتى » 2015- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 10 مەيدان تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، تەخمىنەن 100 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر