باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىدا 33 ئاسپىرانت كۆپەيدى

2016.03.14 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 11-ئاي، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى يىراقتىن ئوقۇتۇش بويىچە خىزمەتتىكى ماگىستىر ئاسپىرانتلار سىنىپى تەسىس قىلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسپىرانتلار سىنىپىغا قەشقەر ۋىلايىتىدىن 33 ئوقۇغۇچى ئوبۇل قىلدى. ئاسپىرانتلار سىنىپىنىڭ دەرسى جەنۇبىي جۇڭگو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە تەلىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئوقۇغۇچىلار قوش كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرس ئوقىدى، سىستېمىلىق ئۆتۈلگەن ئىنگلىز تىلى، تېببىي ئىستاتىستىكا، كىلىنىكىلىق ئاناتومىيە قاتارلىق 17 پەن تۈرى بويىچە زۆرۈر دەرسلەرنى ئوقۇپ تاماملىدى.

  بۇ دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: « بىرلىشىپ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار ئوقۇتۇشى سىنىپى ئېچىش __ دوختۇرخانا ئىختىساسلىقلار ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بىز تېخىمۇ كۆپ دوختۇر، سېسترالارنىڭ خىزمەت قىلىۋېتىپ ئاسپىرانتلار دەرسىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز؛ دوختۇرخانا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر