باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق» قۇرۇلۇشى يەنە نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك؟

2016.03.15 12:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو « ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق»ى، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش يېڭى يۈزلىنىشى»، «كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى بىر ياش ئۇزارتىش» قاتارلىقلار ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى، ئەزالىرىنىڭ قىزىق نۇقتا مۇنازىرىسىگە ئايلاندى. ئۇلار، جۇڭگو «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق»ى تېببىي ئۇقۇملا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ساغلاملىقىنى ئاسراشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

  2014-يىل 10-ئايدا، گوۋۇيۈەن «تەنتەربىيە كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتقاندىن كېيىن، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندى. بەزى ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار كونكرېت نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار يىرىك پىلان تۈزۈپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە يەنىلا بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

  بىرىنچىدىن، «چېنىقىش قىزغىنلىقى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان كىشىلەر نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس.

  ئىككىنچىدىن، « بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. تەنتەربىيە مەيدان-ئەسلىھەلىرى، بولۇپمۇ ئامما كۆپرەك جايلاردىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەسىنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، فونكسىيەسى تولۇق ئەمەس. چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلارنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتىكى پۇقرالار ئىستېمال قىلالايدىغان «مۇقىم باھا» تەنتەربىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىز بولماقتا.

  ئۈچىنچىدىن، «چېنىقىشنى بىلىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم. ئاممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنىڭ سانى يېتەرلىك ئەمەس، ئاممىنىڭ ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كەمچىل.

  تۆتىنچىدىن، خىراجەت كاپالىتى مەسلىسىنى ھەل قىلىش لازىم. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش ئىقتىدارى ناچار، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر