باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يىغىنغا جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.03.14 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2-يىغىنى 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدائۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تىزىسى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە «خەير-ساخاۋەت قانۇنى» لايىھەسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 170بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقىنى 166، تۆت ۋەكىل يىغىنغا قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 5-مارتتىن 6-مارتقىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر گوۋۇيۈەننىڭ بۇلتۇرقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى. قاراپ چىقىش جەريانىدا ۋەكىللەر قىسمەن تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جەمئىي 61 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تۈزدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر