باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى مۇدىرى چيۇ يۈەنپىڭ: نۆۋەتتە «خۇاشيالىقلار كارتىسى» ئېلان قىلىش پىلانى يوق

2016.03.14 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يىغىنغا قاتناشقان گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى مۇدىرى چيۇ يۈەنپىڭ 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن «مىنىستىرلار يولى» دا: ھازىرچە «خۇاشيالىقلار كارتىسى» ئېلان قىلىش پىلانى يوق، مۇنداق دېدى.

  چيۇ يۈەنپىڭ: «چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇق دوستلار جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىشتا بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ»،دېدى. چيۇ يۈەنپىڭ، بۇنىڭ بىلەن، مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ بۇ تۈردىكى دىققەت قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  «جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى خۇاشيالىق دوستلارنىڭ تەلىپىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ، بەزى يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى، ئوقۇشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىدۇ»، دېدى چيۇ يۈەنپىڭ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر